تۈركىيە كەركۈكتە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كەركۈكتە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى.

841315
تۈركىيە كەركۈكتە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كەركۈكتە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 4 ئىراقلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دوست ۋە قېرىنداش ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلگەن، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەنگەن باياناتتا، «ئىراقنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى نۇقتىسىدىن ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدىغان كەركۈكنىڭ ئىجتىمائىي تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى نىشان قىلغان بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلەرنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتتە مۇقىملىق ئورنىتىش، ئىجتىمائىي يارىشىش مۇھىتى پەيدا قىلىش ۋە قايتىدىن قۇرۇپ يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئىشىنىمىز. تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىراق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر