بۇ ھەپتە تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيەدە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇققا قارشى جەمئىي 1476 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى.

841724
بۇ ھەپتە تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 80 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 30 – ئۆكتەبىردىن 6 – نويابىرغىچە بولغان بىر قانچە كۈن ئىچىدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، 1476 قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ جەرياندا، 68 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 6 تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى ۋە يەنە 6 تېررورچى تەسلىم بولدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ك ج ك بىلەن چېتىشلىقى بولغان 238 كىشى، دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان 48 كىشى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بولغان 674 كىشى ھەمدە رادىكال سولچى تەشكىلاتلار بىلەن چېتىشلىق 14 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا يەنە، 5 ۋىلايەتتە تېررورچىلارنىڭ 47 پاناھجاي ۋە غارلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر