تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شىرناقتا ۋە ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاۋاشىن – باسيان ۋە خاكۇرك رايونلىرىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى.
840894
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، شىرناقتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 9 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
شىرناقنىڭ بەستلەر – دەرەلەر رايونىنىڭ ئۇغۇر تۆپىلىكىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ھاۋا ئارمىيەسىمۇ ھەمدەم بولماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاۋاشىن – باسيان ۋە خاكۇرك رايونلىرىدىكى پ ك ك لاگېرلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، قورال ئىستىھكاملىرى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.