تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.
836561
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ، ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز، زابۇل ۋە غەزنە ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل ھۇجۇملاردا كۆپ ساندا ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، «مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.