تۈركىيە بۈگۈن شادلىققا چۆمدى

جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەتلىك ئىچى ۋە سىرتىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

836188
تۈركىيە بۈگۈن شادلىققا چۆمدى
antalya fener alayi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە مىقىياسىدا ۋە چەت ئەلدىكى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك ۋەكالەتخانىلاردا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغاندىن سىرت، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا تەبرىكلەش پائالىيىتىگە كەلگەن مېھمانلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە باش مىنسىتىر بىنالى يىلدىرىممۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە چەت ئەلدىكى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئانتاليادا 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن 600 مېتىرلىق تۈركىيە بايرىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

تۈركىيە بايرىقى، لوزۇنكا ۋە مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان مىڭلارچە ئانتاليالىك قول چىراقلار ۋە 600 مېتىرلىق تۈرك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ كونيائالتى كوچىسىدىن مەيدانغىچە مېڭىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر