«بەزىلەر تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز ئىرادىسى ئالدىدا تېڭىرقاپ قېلىۋاتىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بەزى كۈچلەرنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز ئىرادىسى ئالدىدا تېڭىرقاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

836095
«بەزىلەر تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز ئىرادىسى ئالدىدا تېڭىرقاپ قېلىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان كونيادا ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ئومومىيۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بەزىلەر تۈركىيە خەلقىنىڭ قايتىدىن  ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ھېس قىلىشى، بۇنىڭ قەدرىگە يېتىشى ۋە مىسلىسىز ئىرادىسى ئالدىدا تېڭىرقاپ قېلىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيە نۆۋەتتە قۇدرەتلىك،  ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئىستىقبالى پارلاق بىر دۆلەت. تۈركىيە خەلقىنىڭمۇ قانچە مىليونلىغان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان دۇنيادا تېگىشلىك ئورۇن ئېلىش ئىرادىسى قەتئىيدۇر. تۈركىيەنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشى، ئويغىنىشى ۋە يۈكسىلىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقان بەزى كۈچلەر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بىزگە توسالغۇ بولۇشقا، بىزگە ئۆزلىرى ئۆلچەپ تىكىپ بەرگەن تار كۆڭلەكنى تېڭىپ كىيگۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا. تۈركىيەدىن: ئىراقتا، سۈرىيەدە، سومالىدا، ئافرىقىدا، بالقان ۋە كاۋكاز رايونلىرىدا نېمە ئىشىڭ بار؟ دەپ سورىغۇچىلاردىنمۇ سوراپ بېقىش لازىم: ئۇنداقتا سىلەرنىڭ بۇ يەرەردە نېمە ئىشىڭلار بار؟  ئۇلارنىڭ ھېچقانداق دەردى يوق، ئەمما بىزنىڭ بار. چۈنكى بىز بۇ جۇغراپىيەنىڭ ھەممىسى بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك تارىخىي ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. ئاشۇ جايلاردا يىغلىغان ھەر بىر بالىنىڭ كۆز يېشىنى ئېيتىش، بېشىنى سىلاشتەك مەڭگۈ باش تارتالمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىمىز ھەم بۇچرىمىز بار.»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ خائىنلىقلىرى ۋە بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى شۇم نىيەتلىك كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتكەنلىكلىرىنى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەي ئەزىز خەلقىم! سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار. ۋەتەن خائىنلىرى قىلمىشلىرىنىڭ بەدىلىنى ئەڭ ئېغىر شەكىلدە تۆلەۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر