تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراققا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شىمالىي ئىراقتىكى لاگېرلىرى نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېررورىستلارنىڭ قورال – ياراغ ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى، پاناھ جايلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.
811500
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 – سېنتەبىر كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېررورىستلارنىڭ زاپ، مېترىنا ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدىكى لاگېرلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.
تۈركىيە ئارمىيەسى يېقىندىن بۇيان رايونغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا، شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش مانېۋىرىمۇ داۋاملاشماقتا.