ئەمىنە ئەردوغان بۈگۈن ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە بىرمادا ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

802011
ئەمىنە ئەردوغان بۈگۈن ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىرما ئەسكەرلىرىنىڭ قەتلىئامىدىن قېچىپ باڭلادېشتا لاگېرلاردا پاناھلىنىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن (6-سېنتەبىر) باڭلادېشقا يېتىپ بارىدۇ.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاقان چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەمىنە ئەردوغاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى «TİKA»نىڭ مەسئۇلى سەردار چام باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە باڭلادېشتا ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاقان چاۋۇشئوغلۇ باياناتىدا، تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى «TİKA» قىلىدىغان ياردەملەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن ياردەم بۇيۇملىرى ھاۋادىن يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

دەسلەپكى قەدەملىك مىڭ توننا ياردەم بۇيۇملىرى كىيىم–كېچەك، يېمەك–ئىچمەك جىددىي قوتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يەتكۈزىدىغان ياردەملىرى 100 مىڭ ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. 

بۇ ئارىلىقتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن باڭلادېشتا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان تەخمىنەن 120 مىڭ روھىنگايالىق پاناھلانغۇچىلار بىلەن باڭلادېشتا بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاناھلانغان روھىنگايالىقلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى ياردەملىرىنى بەلگىلەش مەقسىتىدە دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 7–سېنتەبىردىن 8–سېنتەبىرگىچە باڭلادېشتا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ زىيارەت دائىرىسىدە پايتەخت داككادا باڭلادېش مەسئۇللىرى ۋە خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

باياناتتا يەنە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بىرما چېگراسىدىكى كوكس بازار شەھىرىگە بېرىپ، پاناھلانغۇچىلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىڭ پىلانلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر