دىيارباكىردا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 كىشى شېھىت بولدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى يولغا ئورۇنلاشتۇرغان پارتلاتقۇچىنى ھەربىي ئاپتوموبىللار ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا پارتلاتتى.
798401
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، ھەربىي ئاپتوموبىللار دىيارباكىر – بىسمىل تاش يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، يولغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى پارتلاتتى. ھۇجۇمدا، 2 ھەربىي ئاپتوموبىلنى ئىزمىردىن سىئىرتقا ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل قىلىنغان 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پارتلاش نەتىجىسىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن يولدا قاتناش توختاپ قالدى.