ياپونىيەدە پ ك ك ئۈچۈن پۇل يىغقان بىر كىشى تۇتۇلغان
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نامىدا ياپونىيەدە پۇل يىغقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگىنىدە قولغا ئېلىندى.
796459
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى پاش قىلىش خىزمەتلىرى دائىرەسىدە، ياپونىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن پۇل يىغقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋ. د ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغان. گۇمانلىق شەخسنىڭ ئۈستىنى ئاختۇرۇشتا، تۆت بىلەيزۈك ۋە نۇرغۇنلىغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، 24 مىليون 313 مىڭ ياپونىيە يىنى، 4593 دوللار ۋە ئىنتايىن كۆپ سترولۇق نەرسىلەر تېپىلغان. گۇماندار ساقچى ئىدارىسىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، ئەدلىيە ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.