ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا

ئەنسارىنىڭ رۇسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئارقىسىدىنلا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى دىققەتنى تارتماقتا.

783262
ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قوشۇمچە ئاستانە يىغىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇزاكىرىچىسى ھۇسەيىن جابىرى ئەنسارى پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا.

ئەنسارى تۈركىيەلىك مەسئۇللار بىلەن رايوننىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيە مەسىلىسىنى تېما قىلغان ئاستانە تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن بۈگۈن ئەتىگەن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

ئەنسارىنىڭ رۇسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئارقىسىدىنلا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى دىققەتنى تارتماقتا.

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەنسارى 2 كۈن ئىلگىرى موسكۋادا رۇسىيەلىك بەزى مەسئۇللار بىلەن سۇرىيە مەسىلىسى قاتارلىق رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرلەشكەن ئىدى.

رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران ئاستانە مۇزاكىرىلىرىدە كاپالەتچى دۆلەت بولغان بولۇپ، بۇ يىغىننىڭ داۋامى پات يىقىندا ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان بىر يىغىننىڭ ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىشىگە دائىر پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە ئاستانە مۇزاكىرىلىرى باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر