ئەردوغان «قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز نۇرىدۇر» دېدى ۋە ئىسرائىلىيەنى قانۇنغا بويسۇنۇشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەسجىدى ئەقسانىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز نۇرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيەنى قانۇنغا بويسۇنۇشقا چاقىردى.

776965
ئەردوغان «قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز نۇرىدۇر» دېدى ۋە ئىسرائىلىيەنى قانۇنغا بويسۇنۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىدىن قايتقاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «قاتار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى، دۆلەت سۈپىتىدە قانداق ھەسسە قوشالايدىغانلىقىمىزنى ئۆزئارا كېڭەش قىلدۇق. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىز ۋە ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ مۇقىملىق ۋە ئۆزئارا ئىشەنچ مۇھىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.

قاتاردىكى تۈركىيە ھەربىي بازىسى مەسىلىسىنىڭ پەقەت قاتاردىلا كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «قاتارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى بۇ ئىجابىي پوزىتسىيەسى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى چەكلىمىلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان، مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇقەددەسلىكىگە خىلاپلىق قىلغان بۇ ئادەملەر، سۈركىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئىبادەتلىرىنى قىلىشقا كەلگەن مۇسۇلمانلارنى تېررورچىلار بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش، ناھايىتى ئېغىر بىخۇدلۇقتۇر... ئىسرائىلىيە بۇ خىل قانۇن ئېتىراپ قىلمايدىغان ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يالغۇز ئۆزىگىلا ئەمەس، پۈتكۈل رايونغا زىيان يەتكۈزمەكتە. مەسجىدى ئەقسا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز نۇرىدۇر. مۇقەددەس جايلىرىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلالمايمىز، نارازىلىق بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، نېتانياھۇنىڭ باياناتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ھېچقانداق تەرىپىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بۇ خەلقئارا قانۇنغا، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە، ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە، بۇ خىل خەلقئارالىق ئۈستقۇرۇلمىغا ئىگە پۈتكۈل باياناتلارغا، ھۆججەتلەرگە زىت ھەرىكەتتۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر