مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

سۆھبەتتە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئەتراپىدىكى تەڭپۇڭسىز مۇداخىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

775502
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىئاد مالىكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

سۆھبەتتە قۇددۇستا يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار مۇزاكىرە قىلىندى.

قۇددۇستا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان پەلەستىنلىكلەر جۈمە نامىزىدىن كېيىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئەتراپىدىكى تەڭپۇڭسىز مۇداخىلىسى جەريانىدا، 7 ياشلىق كىچىك بالا بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 3 نەپەر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر