ئەردوغان: خەلق ئىمانى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى

تۈركىيە خەلقى 15 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەيدانلارنى تولدۇردى...

771446
ئەردوغان: خەلق ئىمانى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 15 – ئىيۇل شېھىتلەر كۆۋرۈكىدە ئۆتكۈزۈلگەن «15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى خاتىرىلەش مۇراسىمى» دا سۆز قىلدى؛ تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھۇجۇمغا، ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن خەلقنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، مىڭلارچە ۋەتەنپەرۋەر كىشىنىڭ ئىسيانچىلارغا قارشى كوچىلار، مەيدانلار، ھەربىي رايونلارنىڭ ئالدى، ئايرودۇرۇم قاتارلىق جايلارنى تولدۇرۇپ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسيانچىلارنىڭ بۇلىغان تانكىلار، بومبىلار، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ۋە ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، خەلقنىڭ ئۇ كېچە ئىمانى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ۋەتەنگە ئىگە چىققان بۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل مەنسۇپلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

15 – ئىيۇلنىڭ تۇنجى ھۇجۇم بولمىغىنىدەك ئاخىرقى ھۇجۇممۇ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دائېشنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئالدى بىلەن بۇ خائىنلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ مىڭلارچە يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، «تۈرك مىللىتى، 15 – ئىيۇلدا مىڭلارچە يىللىق تارىخىدا قانچە قېتىملاپ قىلغىنىدەك، مۇقەددەس نەرسىلىرىنى قوغداش يولىدا جېنىنى پىدا قىلىشتىن يالتايمايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى» دېدى.

ئۇ، ئۆلۈمنى ئۆلۈم ئارقىلىق قورقۇتۇپ يوللىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «قەلبىمىزدىن ئىماننى، يۈرىكىمىزدىن جاسارەتنى، بىلىكىمىزدىن كۈچنى، يەلكىمىزدىن تەرنى قەتئىي كەم قىلماستىن خىزمەت قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى مەنسۇپلىرىنى تازىلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېلولىرى توغرىسىدا ئاستا – ئاستا ھۆكۈملەرنىڭ بېرىلىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «بۇ دۆلەتكە خىيانەت قىلغان ھېچبىر خائىننىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار. ئۆزىگە خىزمەت قىلغانلارنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغان بۇ مىللەت، خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ بېشىنى ئېزىپ تاشلاشتىمۇ قەتئىي ئىككىلەنمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر