ئەردوغان: ئارمىيەمىز ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فرانس-24 قانىلىنىڭ سۈرىيە، ئامېرىكىنىڭ ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال بېرىشى، قاتار، تۈركىيە - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

765658
ئەردوغان: ئارمىيەمىز ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ھەرقانداق بىر تەھدىتكە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فرانس-24 قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «نۆۋەتتە ھەر قانداق بىر خەۋپ كۆرۈلگەن تەقدىردە، بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھەر تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشقا تەييار تۇرماقتا» دېدى.

ئەردوغان، ئامېرىكا تەرىپىدىن ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىلگەن ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «بىزگە <بىز بۇ قوراللارنى كېيىن قايتۇرۇۋالىمىز> دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ھېچكىم ھېچكىمنى ئالدىمىسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قاتار كىرىزىسىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسىنى تاقايدىغان ياكى تاقىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن فىرانسىيەنىڭمۇ بۇ رايوندا ھەربىي بازىسى بارلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «قاتارنىڭ بىزدىن مۇشۇنداق بىر ئۆتۈنۈشى، مۇشۇنداق بىر تەلىپى بولسا، بىز ئەلۋەتتە خالانمايدىغان بىر يەردە تۇرمايمىز» دەپ جاۋاب بېرىپ، مەسىلىنىڭ دوھا دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەيننىڭ قاتارغا سۇنغان 13 ماددىلىق تىزىملىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، «بۇ يەردە شۇنداق ماددىلار باركى، پۈتۈنلەي <مەن سېنى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلمايمەن، شۇڭا سەن دۆلەت سۈپىتىدىكى بارلىق رولىڭنى بىكار قىلىسەن> دېگەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق بىر نەرسىنى قوبۇل قىلالمايمىز. بۇنداق بىر ئىشنى قاتار تەلەپ قىلمىغان ئىكەن، بىز قەتئىي قىلمايمىز» دېدى.

ئەردوغان، ئەنقەرە بىلەن بېرلىن ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، ئىغۋاگەر لوزۇنكىغا كۆز يۇمغان گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇلار ئۇ يەردە ئېچىلغاندا، گېرمان ساقچىسىمۇ ئۇ يەردە ئىدى. گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ كۆزى ئالدىدا جىنايەت سادىر قىلىشقا، زوراۋانلىققا رىغبەتلەندۈرۈلسە، گېرمانىيە دائىرىلىرى ئەپسۇسكى بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلسا، بۇ ھەرىكەتنى فاشىستلىق باشقا نېمە بىلەن ئىزاھلىشىمىز مۇمكىن. بۇ پەقەت فاشىست قۇرۇلمىلاردا بولىدىغان بىر ھەرىكەتتۇر ۋە فاشىستتۇر. ئەمما، بۇنداق بىر فاشىستلىقنىڭ نامايان قىلىنىشىغا گېرمانىيە دائىرىلىرى پۇرسەت بەرمەسلىكى لازىم» دېدى.

ئەردوغان، 7-، 8 – ئىيۇل كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 12 – نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ %80 ىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئورگان. بۇ خىل سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ گېرمانىيەدە قىلىنغان بولۇشى ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ ۋە ئەپسۇسلىنارلىقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر