ئەردوغان: گېرمانىيە ئۆلىۋالغاندەكلا ئىش قىلماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيەنىڭ ئۇ يەردىكى تۈركلەرگە خىتاب قىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ئارقىلىق ئۆلۈۋالغاندەكلا ئىش قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

765334
ئەردوغان: گېرمانىيە ئۆلىۋالغاندەكلا ئىش قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە 7-، 8 – ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى «Die Zeit» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن گېرمانىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىشىغا سەلبىي پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بېرلىن دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان، «گېرمانىيە، ئۇ يەردىكى تۈركلەرگە خىتاب قىلىشىمغا رۇخسەت قىلماي، ئۆلۈۋالماقتا (ئۆلۈۋالغاندەكلا ئىش قىلماقتا)» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە ئۆزىگە قارشى قارىلاش دولقۇنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلا بولسا، گېرمانىيەنى تېررورچىلارنى قوللاۋاتقان بىر دۆلەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن بىر مەسىلەم يوق» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گېرمانىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بىر – بىرىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر