بىنگۆلدە يەنە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ پ ك ك تېررورىستلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە گەنچ ناھىيەسىگە قاراشلىق يەنىيازى يېزىسى ئەتراپىدا باشلىغان ھەربىي ھەرىكەت داۋام قىلماقتا.

751972
بىنگۆلدە يەنە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنگۆلنىڭ گەنچ ناھىيەسى يەنىيازى يېزىسى ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتتە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ ئېتىزغا كۆمگەن بومبىنى پارتىلتىشى نەتىجىسىدە، بىر ئەسكەر شېھىت بولغان. تۈنۈگۈن (12-ئىيۇن) مۇ ئوخشاش رايوندا تېررورىستلار بىلەن چىققان ئېتىشىشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولغان ئىدى.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە، ئىران ۋە ئىراق چېگرالىرى كېسىشىدىغان ھاككارى تەكەلى رايونىدىكى چېگرا قوغداش ئەترىتىگە سۇيىقەست پىلانلىغان ئۈچ تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ يىل (2017) نىڭ بېشىدىن تارتىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 837 سى ئۆلۈك، 62 سى يارىلانغان ۋە 82 سى تىرىك بولۇپ جەمئىي 981 تېررورىست قولغا چۈشۈرۈلدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 157 تېررورىست (بۇنىڭ ئىچىدە 44 ى دۆلەت ئىچىدە، 113ى دۆلەت سىرتىدا) خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا تەسلىم بولدى. ھەربىي ھەرىكەتلەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ چېگرا ئىچىدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قولغا چۈشۈرۈلدى ياكى بىتچىت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر