«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش خەلق ۋە ۋەتەننىڭ ئەمىنلىكى ئىشقا ئاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ خەلق ۋە ۋەتەننىڭ ئەمىنلىكى ئىشقا ئاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

741054
«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش خەلق ۋە ۋەتەننىڭ ئەمىنلىكى ئىشقا ئاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 564 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 564 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بۇ گۈزەل شەھەرنى پەتھى قىلىپ، قازاندۇرغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان ۋە شانلىق قوشۇنىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ئىستانبۇلنىڭ تۈركىيەنىڭ خۇلاسىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى 80 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىستانبۇل بىلەن ھەم ئىنسانىي ھەم فىزىكىلىق جەھەتتىن مۇناسىۋىتى بار، ئۇنداقتا، ئىستانبۇلنى تونۇشتۇرۇش، تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇشتۇر، ئىستانبۇل ئۈچۈن خىزمەت ئۈچۈن، تۈركىيەگە خىزمەت قىلىشتۇر.»

بولۇپمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دائېش ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا سالغان زىيانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان، ئۇلارنى ئىككىنچىلەپ بۇ شەھەرگە يېقىنلىشالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ خەلقئارالىق تۈزۈمنى قايتىدىن ئورنىتىشنىڭ قىيىن ئۆتكىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق باسقۇچتا ھەم تۈركىيەگە ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئومۇرتقىسى ھېسابلىنىدىغان ئىستانبۇلنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇھىم، بىز بۇنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن دېموكراتىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى گۈللىنىش دەۋرىگە تەييارلىنىۋاتىمىز، شۇڭا، ئالدى بىلەن 2019 – يىلغىچە بولغان مەزگىلدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىمىز بىزنى ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يەتكۈزىدىغان مۇھىم بوسۇغىدۇر، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە نىشانلىرىمىزنىڭ پاراۋۇزى ئىستانبۇل بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر