يىلدىرىم پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا سايلاندى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ۋەكىلى بىنالى يىلدىرىم، قايتىدىن پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا سايلاندى.

738329
يىلدىرىم پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغانلىقى سەۋەبىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ بۈگۈن پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى مۇستافا ئەلىتاش رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇرۇپپا باشلىقى سايلىمىدا بىنالى يىلدىرىم پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا قايتىدىن سايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر