ئەردوغان بىلەن يىلدىرىم قۇرۇلتاي زالىنىڭ ئالدىدا پارتىيە مەنسۇپلىرىغا قىسقىلا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلىدىغان زالغا يېتىپ كەلدى...

736213
ئەردوغان بىلەن يىلدىرىم قۇرۇلتاي زالىنىڭ ئالدىدا پارتىيە مەنسۇپلىرىغا قىسقىلا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈچۈن  تارىخىي كۈن... ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بۈگۈنكى 3 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارىدىن 998 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئۆزى قۇرۇپ چىققان پارتىيەنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 21 – مايدىن ئېتىبارەن يەنە بىر قېتىم ئەردوغان دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنقەرە تەنتەربىيە زالىنىڭ ئالدىغا توپلانغان كىشىلەرگە سالام بەردى ۋە قىسقىلا سۆز قىلدى؛ سۆزىنى «قىممەتلىك سەپەردىشىم، ھۆرمەتلىك بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى، سۆيۈملۈك سەپەرداشلىرىم! سىلەرگە 998 كۈندىن كېيىن ئەڭ چوڭقۇر تۇيغۇلار بىلەن سالام بېرىمەن. ئەمەلىيەتتە ئايرىلغان بولساقمۇ، بۈگۈن سىلەر بىلەن بىرگىمىز» دەپ باشلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامانەتنى يەنى پارتىيەنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى بۈگۈنلەرگىچە ئېلىپ كەلگەن بىنالى يىلدىرىمغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

2019 – يىلىدا مەھەللىي سايلاملارنىڭ، 2019 – يىلى نويابىردا پارلامېنت ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، «توختاش يوق، يولغا داۋام. ئىشىكمۇ ئىشىك ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئۈستىمىزدىكى گەپ – سۆزلەرنى ساندۇقتا جاۋاب بېرىپ يوقىتىمىز» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلتايلىرىنىڭ بىر بايرام كەيپىياتى ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەشكىلاتى مەنسۇپلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پىراق دىدارغا ئېرىشكەن لەھزىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز خوش كەلدىڭىز» دېدى.

يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن زالغا بىرلىكتە كىرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىنالى يىلدىرىم پارتىيە مەنسۇپلىرىغا سالام بەردى.

پارتىيە باشلىقى سايلىنىدىغان بۈگۈنكى قۇرۇلتايدا پارتىيەنىڭ نىزامنامىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە «مۇئاۋىن پارتىيە باشلىقى» بەلگىلىمىسى ئىلاۋە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ «مۇئاۋىن پارتىيە باشلىقى» بولىدۇ.

رابىئە ئىشارىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان «بىر مىللەت، بىر ۋەتەن، بىر دۆلەت ۋە بىر بايراق» پىكرىمۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر