بۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈچۈن تارىخىي كۈن...

بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پارتىيەگە قايتىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.

736096
بۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈچۈن  تارىخىي كۈن...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بۈگۈنكى 3 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارىدىن 997 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئۆزى قۇرۇپ چىققان پارتىيەنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 21 – مايدىن ئېتىبارەن يەنە بىر قېتىم ئەردوغان دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. بۈگۈنكى قۇرۇلتايدا پارتىيەنىڭ نىزامنامىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە «مۇئاۋىن پارتىيە باشلىقى» بەلگىلىمىسى ئىلاۋە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ «مۇئاۋىن پارتىيە باشلىقى» بولىدۇ.

رابىئە ئىشارىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان «بىر مىللەت، بىر ۋەتەن، بىر دۆلەت ۋە بىر بايراق» پىكرىمۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر