تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا ئاتلاپ تېررورچىلارغا زەربە بەردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا ئاتلاپ تېررورچىلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
728535
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، تۈركىيەدىكى ساقچى پونكىتى ۋە ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، زاپ، ئاۋاشىن – باسيان ۋە گارا رايونلىرىدىكى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ھەرىكەت دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، زاپ، ئاۋاشىن – باسيان ۋە گارا رايونلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى؛ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورچىلارنىڭ 4 ئۆڭكۈرى، 3 پاناھلىنىش ئورنى بىلەن 3 ئايرىم لاگېرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.