بىنالى يىلدىرىم مولداۋىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا

باش مىنىستىر بىنالى يىلىدىرىم بۈگۈن يەنە، 4 – نۆۋەتلىك خەلقئارا گاگاۋۇز تۈركلىرى قورۇلتىيىغا قاتىشىش ئۈچۈن گۆكئوغۇز يېرى ئاپتونوم رايونىغا بارىدۇ.

726941
بىنالى يىلدىرىم مولداۋىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم تۈنۈگۈن مولداۋىيەدە تۈركىيەلىك سودا – سانائەنچىلەر بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە بىر سائەت داۋاملاشقان يىغىنغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر تۇغرۇل تۈركەش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خىزمەت ۋە سۇغۇرتا ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇئەززىنئوغلۇ، ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچىمۇ قاتناشتى.

بىنالى يىلدىرىم رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىنى دۆلەتلىك مېھمان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىدى. مەنسەپدىشى پاۋېل پىلىپ بىلەن دەسلەپتە ئايرىم، ئاندىن  ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئۆزئارا كېلىشىملەرنى ئىمزالىغاندىن كېيىن ،قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدى.

بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، مولداۋىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئۇرۇن ئالغانلىقىنى مىننەتدارلىق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مولداۋىيە دوست بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر تۈركىيەگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق تەشكىلاتنىڭ ۋە ھېچبىر پائالىيەتنىڭ ئارقىسىدا ئورۇن ئالمىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمىز ھەمدە بۇ جەھەتتە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

مولداۋىيە باش مىنىستىرى پاۋېل پىلىپمۇ مولداۋىيەنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى شۇ ھامان ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن باشقا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىمۇ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلىدىرىم بۈگۈن مولداۋىيە پىرېزىدېنتى ئىگور دودون، پارلامېنت باشلىقى ئاندىرىيان جاندۇ بىلەنمۇ ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن سوتسىيالىستلار پارتىيەسى باشلىقى زىنايدا گىرېجىيانى بىلەن كۆرىشىدۇ.

باش مىنىستىر بىنالى يىلىدىرىم بۈگۈن يەنە، 4 – نۆۋەتلىك خەلقئارا گاگاۋۇز تۈركلىرى قورۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گۆكئوغۇز يېرى ئاپتونوم رايونىغا بارىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر