تۈركىيە – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىندىستان زىيارىتىدىن ئىلگىرى تۈركىيە ۋە ھىندىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرنالىستلىرى يېڭى دېھلىدە ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

721784
تۈركىيە – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 30 – ئاپرىلدىن 1 – مايغىچە ئېلىپ بېرىشى پىلانلانغان ھىندىستان زىيارىتىدىن ئىلگىرى يېڭى دېھلىدە «ساباھ يازغۇچىلار كۇلۇبى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا مېدىيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلغار زاتلىرى قاتناشتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.

مەتبۇئات، مېدىيا ۋە ئۇچۇر – ئاخبارات ئىدارىسى باش مۇدىرى مەھمەت ئاكارجا ئېچىلىش نۇتىقىدا، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارەندىرا مودىنىڭ 2015 – يىلى تەرەققىي تاپقان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئۈچۈن تۈركىيە كېلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەمىمىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئېيتتى.

  مەھمەت ئاكارجا ھىندىستانلىق ژۇرنالىستلارغا خىتاب قىلىپ، «بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى تۈركىيە ۋە ھىندىستان يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقلارنى نامايان قىلىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن بىز قولىمىزدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز. سىلەرنىڭمۇ ھەسسە قوشۇشۇڭلارنى كۈتىمىز. كەلگۈسىمىز بىرلىكتەدۇر» دېدى.

تۈركىيە بايلىق فوندى ئورگىنى ئىجرائىيە كېڭىشى ئەزاسى كەرەم ئالكىن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرققىياتتا نامايان قىلغان ئىقتىدارى ۋە دېموكارتىيەسىگە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ رايوندا بۇنداق سۈپەتلىك بىر دېموكارتىيەلىك سىستېمىنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس» دېدى.

كەرەم ئالكىن تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى نۇقتىسىدىن رەڭگا رەڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 6 يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بىرەر كۆرۈنەرلىك ياردەم كۆرسمەستىن، سۈرىيەدىن كەلگەن ئۈچ يېرىم مىليوندىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىلارغا  25 مىليارد دوللار خىراجەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس باش مەسلىھەتچىسى ئىلكنۇر چەۋىكمۇ ھىندىستاننىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 7 – ئىقتىسادىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ۋە تەرەققىي تاپقان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيەمۇ دۇنيا بويىچە 17 – چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ ھېسابلىنىدۇ ۋە تەرەققىي تاپقان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ بىرسىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچى، كەلگۈسىنىڭ ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى چوڭ كۈچلىرى، دەپ كۆرسىتىلمەكتە. دۆلەتلىرىمىز ئوخشاش گۇرۇپپىدا ئورۇن ئالماقتا. شۇنداق ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورناتمىغۇدەكمىز؟ چوقۇمكى، چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر