تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يېتىدىغان ۋاقىت
تۈركىيە 16 – ئاپرېل ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىدىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ.
710451
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرى ناجى ئاغبال تۈركىيەدە 2017 – يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا ساھەلىرىدە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، 16 – ئاپرېل ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىدىن كېيىن بۇنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
كارخانىچىلارنىڭ 5 – 7 يىل ئىچىدە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانلىرى تۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاغبال، 16 – ئاپرېلدىن كېيىن 5 يىل بويىچە ھۆكۈمەت ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭمۇ سودا – سانائەتچىلەرگە نىسبەتەن مۇھىم ئىشەنچ مەنبەسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئاپرېلدىن كېيىن كەڭ دائىرىلىك مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.