قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە نە ئامېرىكا، نە رۇسىيە، نە ئىران تەرەپدارى ئەمەس

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ نە ئامېرىكا، نە رۇسىيە، نە ئىران تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ بىرلا يۆنىلىشى بار؛ ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىدۇر» دېدى.

710060
قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە نە ئامېرىكا، نە رۇسىيە، نە ئىران تەرەپدارى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتناشقان باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ قېلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىقنىڭ قانداق ئورنىتىلىشىنى سۈرىيە خەلقىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەدە 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان نۇمان قۇرتۇلمۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى مەسىلىسىگە روشەن شەكىلدە بىر تەرەپ پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزمەيۋاتىمىز. بىز سايلاممۇ، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىمۇ ئۆتكۈزدۇق. نېمە بولدىكىن، بۇ سايلامدا ياۋروپا بىر تەرەپلىمە ھالەتتە ئىشنىڭ ئىچىگە كىردى. يېڭى ناتسىست ئىرقچى بېسىملار مىنىستىرلىرىمىزنىڭ تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويمىدى. ئەكسىچە، PKK نىڭ ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە قانۇنسىز پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلدى. سەۋر قاچىسىنى تاشۇرغان ئاخىرقى تامچە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان لوزۇنكا بولدى. بۇلار قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى.

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش تەكلىپى قوبۇل قىلىنسا، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈگىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن قۇرتۇلمۇش، پۈتكۈل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوخشاش پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتتى.

شۇملۇق مەركەزلىرىنىڭ گۈللىنىۋاتقان تۈركىيەنىڭ يولىنى توراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن قۇرتۇلمۇش، «تۈركىيەنىڭ دۇنيا سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇۋازىنىتى ئىچىدە مۇھىم بىر ئاكتىيورغا ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوينالغان تاشقى ئويۇنلارنىڭ بىرى 15 ئىيۇل ئىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر