تۈركىيە سومالىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب ئىنتېرنېت ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

709338
تۈركىيە سومالىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا تۈنۈگۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىغا يېقىن جايدا ئارمىيە باش قوماندانىنىڭ ئاپتوموبىلىنى نىشان قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇقدىشودا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللارغا قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە يارىدار بولۇشىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ چوڭقۇر قايغۇرغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

باياناتتا، «بۇ ئىپلاس ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن–يورۇقلىرىغا سەۋر-تاقەت، يارىدارلارغا شىپالىق تىلەيمىز. تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە سومالىنى قوللاشنى  داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

ھۇجۇمدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 10 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

يېڭىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن يولغا چىققان ئاپتوموبىللاردا ئارمىيە قوماندانى مۇھەممەد ئەھمەد جەمالمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب ئىنتېرنېت ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر