تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش مەسئۇللىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى
ماردىننىڭ ئارتۇقلۇ ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى.
709297
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، شىرناق، مۇش ۋە دىيارباكىردىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە كۆپ مىقداردا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ ۋە ئوق – دورىلارنى قولغا چۈشۈردى. تېررورچىلارنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى بىتچىت قىلىپ تاشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا بىر تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى.
ۋان ۋە دىيارباكىردا تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغۇچى 33 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.