تۈركىيە سىرتىدا تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ سانى 900 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەرنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش قانۇن تەكلىپى سايلىمى ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشى باشلانغان 13 دۆلەت ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدا تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ سانى 900 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

707825
تۈركىيە سىرتىدا تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ سانى 900 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش قانۇن تەكلىپى سايلىمى ئۈچۈن تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر 27 – مارتتىن بۇيان بەزى ۋاكالەتخانىلاردا ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىماقتا.

ئاۋاز بېرىش 11 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا  تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ سانى 915 مىڭ 77 گە يەتتى.

ئەنگلىيە ۋە رومنېيەدىكى ساندۇقلارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئاۋاز بېرىش ئورۇنلىرىنىڭ سانى 14 دۆلەتكە ۋە 14 كونسۇلخانىغا يەتتى.

ئاۋاز بېرىش داۋاملىشىۋاتقان دۆلەتلەردىكى سايلامغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى % 33.57 گە يەتتى.

تۈركىيە سىرتىدىكى ھەرقايسى ۋاكالەتخانىلاردا ئاۋاز بېرىش 9 – ئاپرېلغىچە، تاموژنا ئېغىزلىرىدا بولسا تۈركىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان 16 – ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر