«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

707792
«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاغانلىقىنى، جەرابلۇيس، راي، دابىق ۋە ئەلباب قاتارلىق جايلارنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى  تەكىتلىدى ھەمدە 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش قانۇن تەكلىپى سايلىمىدىن كېيىن چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى رەققەنىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان ئەردوغان، ئامېرىكىنىڭ  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ۋاشىنگتوننى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكىنىڭ ئوباما دەۋرىدە پ ي د نى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ھەمدە بۇ تەشكىلاتقا كۆپ مىقداردا قورال بەرگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە قوللىرىدا يېتەرلىك دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، پ ي د گە بېرىلگەن قورال – ياراغلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ دائېشنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ مۇنبىچقا ئورۇنلىشىۋېلىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇنبىچنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرەيلى. دەرۋەقە، مۇنبىچنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ئەرەبلەر بولۇپ، كوردلار ئەمەس.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراق چېگراسىدا بىخەتەرلىك سېپىللىرىنىڭ سوقۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق كىرىش – چىقىشلارنى كونترول قىلغلى بولىدىغانلقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي بىخەتەرلىكنىڭ ئەڭ ياخشى شەكىلدە قوغدىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بەزىلەرنىڭ مەقسەتلىك ھالدا تۈركىيەدە 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش قانۇن تەكلىپى سايلىمى ھەققىدە تەتۈر تەشۋىقات ئېىلپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىشنىڭ تېگىنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، شۇڭا يېگانە ئادەم تەنقىدلىرىنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلاش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «دائىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان يەردە يېگانە ئادەمنىڭ بولۇشى (يەنى بىرلا ئادەمنىڭ جۇمھۇر رەئىس بولۇشى) مۇمكىنمۇ؟ ئوتتۇرىدا ساندۇق بار، سايلام بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پەقەت تۈركىيەگە ئائىت مەسىلىمۇ ئەمەس، دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىمۇ پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر