تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى غەلىبلىك داۋام قىلماقتا.

706978
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 16 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى؛ تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنىڭ ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىگە قاراشلىق چىلەكلىك تۆپىلىكىدە ئەسكەرلەرگە ئوق چىقىرىشىدىن كېيىن، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان 8 تېررورچى ف-16 ئايروپىلانلىرى بىلەن ھاۋادىن مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.

بىتلىسنىڭ تاتۋان ناھىيەسىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، كۆپ مىقداردا قورال ۋە ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

شىرناقنىڭ ئاقچاي ۋە بىنگۆلنىڭ گەنچ ناھىيەسى تاغلىق رايونلىرىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدىمۇ 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى، كۆپ مىقداردا قورال، پارتلاتقۇچ ۋە ئوق – دورا بىلەن ئوزۇقلۇق ماددىلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۇنجەلىنىڭ نىزامىيە ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايوندىكى چارلاش جەريانىدا بايقالغان بىر ئۆڭكۈردىن بىر دانە ئايروپىلان ئاتار تېپىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كىلىستە سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى بىر تېررورچى قولغا چۈشتى؛ تېررورچىنىڭ يېنىدىن بىر يېرىم كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى پارتلاتقۇچ ماددا بىلەن ئىككى دانە قول بومبىسى چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر