تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىتلىس تاغلىق رايونىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە.

706276
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىتلىس تاغلىق رايونىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە قورال ئىستىھكاملىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى؛ بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن بىر ھازىرىي مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىتلىس تاغلىق رايونىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، قورال ئىستىھكاملىرىنى بىتچىت قىلىپ، 6 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغاندىن كېيىن، ساق – سالامەت ھالدا بازىلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر