تۈركىيە ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبقا قىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ دەرھال بۇ ھۇجۇملارنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

705974
تۈركىيە ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى
suriyee.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق خان شەيخۇن رايونىغا قىلغان ۋە كۆپىنچىسى كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

باياناتتا، خان شەيخۇندىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر ۋە مەلۇماتلارنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2118- ۋە 2209-نومۇرلۇق قارارلىرىغا ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق ھېسابلىنىدىغان خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ بۇ ھۇجۇم قارشىسىدا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشىنى، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ تېخى يۈز بەرگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھۇجۇملار ئۈستىدە دەرھال تەكشۈرۈش باشلىشىنى كۈتىمىز. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن تەسىر كۈچى بار تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ۋە پۈتۈنلەي بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز.»

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىنمۇ ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بۇ ھۇجۇملارنىڭ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىغا نىسبەتەن باشتىن تارتىپ تۇتۇپ كەلگەن پوزىتسىيەسىنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرەچى ئۆمەر چەلىك تۋىتتېردا: «سۈرىيەدە پەقەت ئادەملەرلا ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىكمۇ قەتل قىلىنىۋاتىدۇ. قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن يەنە قانچە سۈرىيەلىك كىچىك بالا ئۆلۈشى كېرەك؟» دېدى.

ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە داۋالىنش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەرنىڭ سانى 32 گە يەتتى. ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئىككى كىشىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىنگەن سۈرىيەلىك يارىدارلار ئالاھىدە فورما كىيگەن سەھىيە خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن كېيىن چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر