تۈركىيە، كەركۈك ۋىلايەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كەركۈك ۋىلايەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئەيىبلىدى.

706137
تۈركىيە، كەركۈك ۋىلايەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىراقتا كەركۈك ۋىلايەت مەجلىسىنىڭ تۈركمەنلەر بىلەن ئەرەبلەر تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغان يىغىنىدا چىقارغان بىر تەرەپلىمە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارارىنىڭ قانۇنىيلىقى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى ۋە قارارنى ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «كەركۈك ۋىلايەت مەجلىسىنىڭ كەركۈكنىڭ سالاھىيىتىگە ئالاقىدار ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى نىشان قىلغان بۈگۈنكى (تۈنۈگۈنكى) قارارى، ئىجتىمائىي خاتىرجەملىكنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك بىر قەدەم بولدى. كەركۈكنىڭ ئەسلى خەلقى بولغان تۈركمەنلەر بىلەن ئەرەبلەر ئىشتىراك قىلمىغان بىر يىغىندا چىقىرىلغان بۇ قارارنىڭ قانۇنىيلىقى يوقتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

كەركۈكنىڭ سالاھىيىتىگە ئالاقىدار مۇساپىنىڭ ئىراق ئاساسىي قانۇنىدا كۆرىستىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئاساسىي قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىدە كۆرسىتىلگەن ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بىر قارارنىڭ ئاساسىي قانۇنغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ بايرىقىنى ئېسىش قارارىدىن كېيىن چىقىرىلغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى قارارىنىڭمۇ بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرنىڭ يېڭى بىر مىسالى ئىكەنلىكى ۋە ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن باياناتتا، «كەركۈكنىڭ ئالدىنقى ئېھتىياجى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشى ۋە ئۆي – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشى، يەنى ئىجتىمائىي خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىدۇر. بۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان قەدەملەر ھۆكۈمسىز بولۇش بىلەن بىرگە قوبۇل قىلىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر