تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە يۇمشىماقتا

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۇمشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

705142
تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە يۇمشىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەبەيكچى تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە يۇمشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نىھات زەيبەكچى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچىدا تۈركىيەگە رۇس ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىغانلىقى، شۇنداقلا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىگە ئوخشاش ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇس مەنسەبداشلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا ھاسىل بولغان  ئەڭ مۇھىم نەتىجىلەردىن بىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى بولغانلىقىنى ئېيتقان زەيبەكچى، لېكىن بۇ ساھەدە تاشلانغان قەدەملەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئېمبارگولارنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى لازىملىقىنى رۇس مەنسەبداشلىرى بىلەن ھەر كۆرۈشكەندە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان زەيبەكچى مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە قاتناش ساھەسىدىكى چەكلىمىلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگان ۋە مەسئۇللىرى قويۇق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارماقتا. يەنە ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزمۇ خىزمەت ئىشلىمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر