تۈركىيە گېرمانىيە ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

گېرمانىيەنىڭ كۆپ ساندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇبى ئوفىتسېرنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن تۈركىيە ھەرىكەتكە ئۆتتى.

705640
تۈركىيە گېرمانىيە ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە 15 – ئىيۇل قانلىق ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قاتناشقان تېررورىستلارغا ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى بېرلىنغا يوللاپ، ئۇلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بىراق گېرمانىيەنىڭ تېررورىستلارنى باغرىغا بېسىشى ئەنقەرەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

تۈركىيە بېرلىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلات ئۇنسۇرلىرى مەسىلىسىدە قەدەم تاشلىغانغا قەدەر، تېررور سىرتىدىكى باشقا مەسىلىلەردە ئەنقەرەنىڭ ئاخبارات ھەمكارلىقىنى توختاتقانلىقىنى، جۈملىدىن دائېش سىرتىدىكى مەسىلىلەردە بېرلىنغا مەلۇمات يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى گېرمانىيەگە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر