تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار يېقىنقى بىر ھەپتىلىك سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى،27 – مارتتىن 3 – ئاپرېلغىچە بولغان بىر ھەپتىلىك جەرياندىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

704563
تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار يېقىنقى بىر ھەپتىلىك سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىكى ھەرىكەتلەردە 435 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، 50 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، 27 – مارتتىن 3 – ئاپرېلغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە 262 ئايرىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى؛ بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا 29 ى ئۆلۈك ھالەتتە، 11 ى تەسلىم بولۇش يولى بىلەن، 10 ى تىرىك بولۇپ جەمئىي 50 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يەنە، 435 كىشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى بىلەن چېتىشلىق 973، دائېش بىلەن چېتىشلىق 65، سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق 28 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر