قۇرتۇلمۇش: قايىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈن 250 مىڭ ئادەم شېھىت بولۇشى كېرەكمۇ؟

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە بېرىۋاتقان ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

702870
قۇرتۇلمۇش: قايىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈن 250 مىڭ ئادەم شېھىت بولۇشى كېرەكمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش «ت ر ت خەبەر» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئامېرىكىغا ئۆز تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ كاناداغا ياكى جەنۇبىي ئافرىقىغا قېچىپ كېتىشى توغرىسىدا ئاخبارات بار» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (BND) نىڭ «ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىغا قايىل بولمىدۇق» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ: «سىلەرنىڭ قايىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈن 250 ئادەمنىڭ شېھىت بولۇشى يەتمەي، 250 مىڭ ئادەم شېھىت بولۇشى كېرەكمۇ؟» دېدى.

ئۇ سۈرىيە كىرىزىسىدە ھەر كۈنى ئوخشىمىغان يېڭى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەقسىتىمۇ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىدى. ئىككىنچىسى، تۈركىيەگە ئۇ يەردىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنى ئازايتىش. ئۈچىنچىسى، رايوننى بىخەتەر ھالغا ئىگە قىلىپ، رايون خەلقىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. سۈرىيەدە ھەم ئۇرۇش مەيدانىدا ھەمدە ئۈستەلدە بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ زۆرۈر تېپىلغاندا، رايوندا يېڭى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش مۇمكىنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش كەركۈكتىكى بايراق كىرىزىسى توغرىسىدا بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقلارنىڭ ئەڭ قاتتىق شەكىلدە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر