سۈرىيەدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 1 مۈشۈكنىڭ تەقدىرىگە مىڭلارچە كىشى كۆڭۈل بۆلمەكتە

سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا بىر تۈركىيە ئەسكىرى بىنا خارابىلىقى ئاستىدىن قۇتقۇزىۋالغان ۋە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەن «بارىش» ئىىسىملىك مۇشۈككە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن مىڭلىغان كىشى ساھىپ چىقىشنى تەلەپ قىلماقتا.

697941
سۈرىيەدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 1 مۈشۈكنىڭ تەقدىرىگە مىڭلارچە كىشى كۆڭۈل بۆلمەكتە
barış, kedi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24-ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە، 2017–يىلى 24 –فېۋرالدا ئەلبابنىڭ كونتروللۇقى تولۇق تارتىپ ئېلىنغاندىن كېيىن، رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي ئوفىتسېر ئۆمەر ئۆزكان بىنا خارابىسى ئاستىدىن بىر مۈشۈكنى قۇتقۇزۇۋېلىپ ئۇنىڭغا «بارىش» دەپ ئىسىم قويغان ۋە 3 ئاي بويىچە يېنىدا باققان ئىدى. 

ئۆمەر ئۆزكان ئۇرۇش رايونىدا ياخشى بېقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ «ھايات ھايۋانلارنى ياخشىلاش جەمئىيىتى» مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۈشۈكنى چېگرادا جەمئىيەت مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

«ھايات ھايۋانلارنى ياخشىلاش جەمئىيىتى» تولىمۇ  بىچارە ھالەتتىكى مۈشۈككە ياخشى قاراپ، ۋاكسېنا ئېھتىياجلىرىنى قامدىدى.

ئەمدىلىكتە بولسا، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىن مىڭلارچە كىشى مۈشۈككە كۆڭۈل بولۇپ، ئىگە بولۇش تەلەپلىرىنى سۇنماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر