بىر ئەسكەر سۈرىيەدىكى پ ي د تېررورچىلىرى رايونىدىن ئېتىلغان مەرگەن ئوقىدا شېھىت بولدى
خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسى بۈكۈلمەز چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىقىدا پوستتا تۇرۇۋاتقان بىر ئەسكەر سۈرىيەدىكى پ ي د / پ ك ك رايونىدىن ئېتىلغان مەرگەن ئوقىدا شېھىت بولدى.
696652
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئىككىنچى چېگرا بىرىگاداسى رەيھانلى بۈكۈلمەز چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەرنىڭ پوستتا تۇرۇۋاتقان پەيتتە سۈرىيەدىكى پ ي د / پ ك ك رايونىدىن ئېتىلغان مەرگەن ئوقىدا شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئوق چىقىرىلغان مەزكۇر رايونغا خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن قانۇنلۇق مۇداپىئەلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىدە قايتۇرما زەربە بېرىلدى.