پۈتكۈل جاھاننى زىلزىلىگە سالغان مىسلىسىز زەپەر

تۈركىيە خەلقىنىڭ پۈتكۈل جاھاننى زىلزىلىگە سالغان چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى.

694037
پۈتكۈل جاھاننى زىلزىلىگە سالغان مىسلىسىز زەپەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ سىرتىدا قالدۇرماقچى بولغان ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى دېڭىز يولى بىلەن چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇندى.

ئوسمانلى ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ مىسلىسىز زەپىرى بىلەن نەتىجىلەنگەن بۇ ھۇجۇم ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىپ ۋە نۇرغۇن ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، چىكىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىشغال كۈچلىرى چاناققەلئە بوغۇزىدىن دېڭىز يولى بىلەن ئۆتەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلگەندىن كېيىن قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىدى.

بۇ ئۇرۇشتا ئوسمانلى ئارمىيەسى نۇرغۇن ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز جاسارەت بىلەن دۈشكەنگە قارشى جان تىكىپ جەڭ قىلىشى ۋە تىللاردا داستان بولغۇدەك پىداكارلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئىشغالچى كۈچلەر چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى.

شۇندىن بۇيان «چەت ئەل كۈچلىرى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتەلمەس» ناملىق خەلق ناخشىسى دوست – دۈشمەن چۈشىنەلەيدىغان تىلدا داۋاملىق ئېيىتلىپ كەلدى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ تارىخنىڭ سەھىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنى يەنە بىر قېتىم تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر