بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەققىدە ئىبادى بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە توختىلىپ، ئىراق زېمىنىدا تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

691617
بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەققىدە  ئىبادى بىلەن سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئارقىلىق خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملاردىكى كۈچلۈك ھەمكارلىققا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

باش مىنىستىرلىكتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېلېفون سۆھبىتىدە بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېمىلار شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۆھبەتتە، بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئىبادى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىگە ئالاقىدار ئورتاق ئىرادىلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. باشىكا لاگېرىغا دائىر داۋاملىشىۋاتقان دىيالوگ باسقۇچى مۇزاكىرە قىلىندى.  

تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئارقىلىق خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملاردىكى كۈچلۈك ھەمكارلىققا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىنالى يىلدىرىم، پ ك ك ۋە پ ي د قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشكە بولغان تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئىراقتىن كۈتكەنلىرىنى ئىبادىغا يەتكۈزدى. 

ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىبادى بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە توختىلىپ، ئىراق زېمىنىدا تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر