ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەلباب شەھىرىگە يەتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى 24-فېۋرال تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئەلباب قا قايتقان مىڭلارچە ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتياجىنى قامدايدۇ.

688657
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەلباب شەھىرىگە يەتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى (İHH) يېمەك-ئىچمەك، ئەدىيال ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى قاچىلانغان 25 يۈك ئاپتوموبىلىنى ئەلبابقا ئەۋەتكەن ئىدى. ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر كوپاران: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەلبابقا قايتقان مىڭلارچە ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ» دېدى. ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ كىلىس شەھىرىدىكى مەسئۇللىرىدىن سەركان ئۆكتەم ئەلباب ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارغا 5 مىڭ خالتا نان تارقاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. سەركان ئۆكتەم: «جەزابلۇستا قىلغىنىمىزدەك، ئەلباب شەھىرىدە سەييارە ناۋايخانا ۋە ئاشخانا ياسايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر