چاۋۇشئوغلۇ: نۆۋەتتىكى ئالدىنقى نىشانىمىز مۇنبىچ...

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ھەر قايسى گېزىت – تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ باش تەھرىرلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى.

688018
چاۋۇشئوغلۇ: نۆۋەتتىكى ئالدىنقى نىشانىمىز مۇنبىچ...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئەلبابتىن كېيىنكى ئالدىنقى نىشانىنىڭ مۇنبىچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «مۇنبىچقا بارغان چېغىمىزدا، قارشىلىشىپ قالساق (PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى) ي پ گ غا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىمىزنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ھەر قايسى گېزىت – تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ باش تەھرىرلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغان چاۋۇشئوغلۇ،  ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدە ئۆزىگە خاس رايونلارنى تەسىس قىلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «رۇسلار پ ي د نى قوللىسا، بىز ئۈچۈن ياخشى بولمايدۇ. پ ي د خەۋپسىزلىكىمىز ئۈچۈن دائېشقا ئوخشاشلا خەتەرلىك. مۇنبىچتا قارشىلىشىپ قالساق، ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىمىزنى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر