نىھات زەيبەكچى بارلىق توسالغۇلارنىڭ ئەكسىچە گېرمانىيەدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بارلىق توسالغۇلارنىڭ ئەكسىچە گېرمانىيەدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.

684856
نىھات زەيبەكچى بارلىق توسالغۇلارنىڭ ئەكسىچە گېرمانىيەدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بۈگۈن گېرمانىيەنىڭ كۆھلىن شەھىرىدە سۆز قىلىدۇ.

تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يىغىن كىرىزىسىدا يېڭى ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچىنىڭ گېرمانىيە پىروگراممىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن كېچىكتۈرۈلگەنىدى.

نىھات زەيبەكچىنىڭ بۈگۈن كۆھلىن شەھەر مەركىزىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم توغرۇلۇق ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتچىلار بىرلىكى ياشلار ئۇيۇشمىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېرسىدا مۇنۇ مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى تارقاتتى: «بارلىق توسالغۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرىمىز ھۆرمەتلىك نىھات زەيبەكچى، بۈگۈن تۈرك پۇقرالىرىمىز بىلەن دېدارلىشىدۇ.»

كۆھلىن ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرى پائالىيەتنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر مېھمانسارايدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئالاھىدە يىغىن بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن توغرۇلۇق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر