فىكرى ئىشىق: پ ي د بەزى جايلارنى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تاشلاپ بېرىۋاتىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق سۈرىيەنىڭ مۈنبىچ رايونىدا مۇھىم ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى پ ك ك، پ ي د ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

684186
فىكرى ئىشىق: پ ي د بەزى جايلارنى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تاشلاپ بېرىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىكرى ئىشىق بالىكەسىردە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ سۈرىيەدە دەسلەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ، ئەمدىلىكتە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ياكى ي پ گ نىڭ بەزى جايلارنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تاشلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەسلىدە بۇ، پ ي د، دائېش ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە توغرىلايدۇ» دېدى. ئۇ ئامېرىكىدىن مۈنبىچ توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندىن چىقىرىلىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر