ساقچىلار ئىزدەۋاتقان تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى

ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدىكى ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك مەنسۇبى بىر تېررورىست بىلەن قوشۇلۇپ، ئىككى تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

682946
ساقچىلار ئىزدەۋاتقان تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12 – فېۋرال كۈنى نۇسايبىن ناھىيەسىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا 2 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان، قورال – ياراغلار، كۆپ ساندا پارتلاتقۇچ ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى قولغا كىرگۈزۈلگەن.

ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورىستلاردىن بىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ماردىن ۋىلايىتى مەسئۇلى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېررورىست ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر