چاۋۇشئوغلۇ: ئىراننىڭ ئۇ پوزىتسىيەسىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنقەرەنىڭ، ئىراننىڭ 15 – ئىيۇلدىكى پوزىتسىيەسىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

682445
چاۋۇشئوغلۇ: ئىراننىڭ ئۇ پوزىتسىيەسىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنقەرەنىڭ، ئىراننىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدىكى تۈركىيەنى قوللىشىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا چاقىرىلغان 13 – نۆۋەتلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا ئىرنا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئىرانلىق مەنسەپدېشى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى كېچىسى تاكى تاڭ ئاتقۇچە ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرغانلىقىنى، ئۇ كېچە 4 قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەردائىم بۇ قىممەتلىك تۆھپىنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ رايونغا ئالاقىدار ھەر خىل مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ۋە ماسلىشىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى، ئوخشاش بولمىغان خاتا چۈشىنىشلەرنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۈچلۈك دىيالوگقا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئىران ۋە تۈركىيە خەلقى ۋە دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كۆپلىگەن ساھەلەردە ئورتاق ياكى بىر – بىرىگە يېقىن تەرەپلەرنىڭ بولۇشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدە پائال تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر