جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسلامئابادتا چاقىرىلىدىغان 13 – نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 1 – مارت كۈنى پاكىستانغا يۈرۈپ كېتىدۇ.

680015
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان يىغىندا ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلىدۇ ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە،، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

يىغىندا ياۋروئاسىيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىخانىزملىرىدىن بىرى بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى 10 يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانى ھەققىدە مۇھىم قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر