فىكرى ئىشىق ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ئەتە (15-فېۋرال) ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا بارىدۇ.

672295
فىكرى ئىشىق ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىريۇسسېلغا يېتىپ بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ. ئۇ بىرىنچى بولۇپ، ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىيا دولورېس بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئارقىدىن ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرتا پىنوتتى ۋە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مايكېل فەللېن (Micheal Fallon) بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ 2-بۆلۈمىدىن كېيىن، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئارقىدىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ.

ئۇ پەيشەنبە (16-فېۋرال) كۈنى ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېۋان ئىزورىيا بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ ناتونىڭ گىرۇزىيە كومىتېتى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر